چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى كۆچمەن خىتاي يولۇچىلىرى بىلەن تولغان


مەلۇم بولۇشىچە، چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن شىمالىي ۋوگزالى كۆچمەن خىتاي يولۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن شىمالىي ۋوگزالى 22-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە كۈنىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق يولىچىنى يولغا سالماقتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ 25-يانۋار بىر كۈن ئىچىدە يولغا سالغان يولۇچى سانى 57 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى ۋوگزالى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ يولۇچى ئۇزاتقان بىر كۈن ئىكەن.

ئۈرۈمچى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىغا چاغان ئۆتكۈزگىلى ماڭغان يۈزمىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ۋوگزاللارنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن خەۋەرلەردە چاغان ھارپىسى كېلىشى بىلەن مەيلى ئايرۇپىلاندا بولسۇن ياكى پويىزدا بولسۇن خىتاي يولۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمەي قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇمكى، يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئەسلىدىكى نوپۇسى ئاران بىر مىليۇندىن ئاشىدىغان ئوتتۇرىھال دەرىجىلىك شەھەردىن كۆچمە ئاھالە بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5 مىليۇن نوپۇسلۇق بىر چوڭ شەھەرگە ئايلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادەم ياشىغىلى بولىدىغان بوستانلىق كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن تار ئىكەنلىكىنى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بوستانلىقلىرىدىكى ئاھالە زىچلىقىنىڭ ھەتتا شاڭخەي شەھىرىدىنمۇ يوقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا خۇددى سەلدەك كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.