خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىللىق چاغاننى «ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە» داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىش تەييارلىقىنى باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.03

خىتاينىڭ چاغان بايرىمى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ، مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە، دائىرىلەر بۇ يىلمۇ خىتايلارنىڭ مەزكۇر مىللىي بايرىمىنى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر بىرلىكتە داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 28-يانۋاردىن 4-فېۋرالغىچە تەبرىكلىنىدىغان 2025-يىللىق چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىسى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى» نى نامايان قىلىشنى، رايونغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرى نىشانلىق مەركىزىي نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان. «قەشقەر گېزىتى» نىڭ 3-يانۋار بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قەشقەردە 2025-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ 31-دېكابىر كۈنى قەشقەر شەھىرى قەدىمىي رەستىدىكى «ۋەندا مەيدانى» دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى شىر ئويۇنلىرىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، نورۇزغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى مىللىي ھەم دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، ئىشىك-دېرىزىلىرىگە خىتايچە مەسنەۋى چاپلاپ، پانۇس ئېسىشى، چاغاننىڭ ھارپىسىدا تۈگۈر تۈگۈپ يېيىشى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ساداقىتىنى سىناشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغان.

 «خىتاي گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى بۇ يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغانغا ئاتاپ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 727 مەيدان ناھىيە-شەھەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، شۇنداقلا يېزا-قىشلاق ئاھالىلىرىنى «پانۇس سەيلىسى»، «چاڭچىلە ئويۇنلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنلىرى» نى نامايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن بۇ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمى ئۇنىڭ ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئىستېمال بازىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان پەيتتە يېتىپ كەلگەن. «قەشقەر گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر چاغاننى ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇندا كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.