شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئاخباراتتا ئىشلىتىش چەكلەنگەن 102 ئاتالغۇنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.07

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2015-يىلى 11-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، «شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن 45 ئاتالغۇ» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى يېقىندا يەنە تولۇقلىما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاخبارات ۋە خەۋەرلەردە ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئاتالغۇلارنىڭ سانىنى 102 گە كۆپەيتكەن.

ئىشلىتىش چەكلەنگەن يۇقىرىقى 102 ئاتالغۇ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تۈرى، قانۇن-تۈزۈم تۈرى، مىللەت-دىن تۈرى، خوڭكوڭ، ماكاۋ، تەيۋەن ۋە دۆلەتنىڭ زېمىن ھەم ئىگىلىك ھوقۇقى تۈرى شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈرى قاتارلىق 5 ساھەگە چېتىلىدىكەن.

دىققەت چېكىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر بىر قىسىم چەكلەنگەن ئاتالغۇلارمۇ يەر ئالغان. مەسىلەن، 89-ئاتالغۇدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاخبارات خەۋەرلىرىدە شىنجاڭنى ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتاشقا قەتئىي بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر توغرىلىق خەۋەر بەرگەندە ‹جياڭدۇ›، يەنى ‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى› ياكى ‹ۋېيدۇ›، يەنى ‹ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى› دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.»

27-ئاتالغۇدا مۇنداق دېيىلگەن: «قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنى ‹تۈركىي مىللەتلەر› ياكى ‹تۈركلەر› دېگەندەك ئومۇمىي ئاتالغۇ بىلەن ئاتاشقا بولمايدۇ.»

ئۇندىن باشقا يەنە، تارىختىكى «خۇيخۇي» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى، پەقەتلا «خۇيزۇ» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىش لازىملىقى؛ تەيۋەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «ئەسلىدىكى ئولتۇراق ئاھالە» ياكى «يەرلىك ئاھالە» دېيىشكە بولمايدىغانلىقى؛ جەنۇبىي دېڭىزدىكى نەنشا تاقىم ئاراللىرىنى ھەرگىزمۇ «سىپراتلى تاقىم ئاراللىرى» دېيىشكە بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، مەزكۇر باياناتتا يەنە «ئازادلىقتىن بۇرۇن» ياكى «ئازادلىقتىن كېيىن» دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇرۇن ياكى كېيىن» ۋە ياكى «1949-يىلىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىش لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.