چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا ھەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش» نۇتقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.04

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى» ئېچىلغان.

مەزكۇر يىغىندا چېن چۇەنگو مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە «بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەشنى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا ھەل قىلىشتىن ئىبارەت توغرا يولدا قەتئىي مېڭىشنى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى» تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرغا قامىغاندىن سىرت رايوننى ئېغىر دەرىجىدە قامال ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىگە قايتۇرغان جاۋابىدا ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنى خىتايغا خاس ئۇسلۇب بىلەن يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ھەتتا دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتايدىن ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر چېن چۇەنگونىڭ «مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا ھەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش» سۆزىنى تىلغا ئېلىشى ئەمەلىيەتتە رايوندىكى لاگېر تۈزۈمى ۋە قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

يۇقىرىقى خەۋەردىن قارىغاندا، چېن چۇەنگو سۆزىدە يەنە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش، ئۇلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مىللىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى زېدىلەيدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش» نى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ رايوندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەشەددىي سىياسەتلىرىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغان بۇ سۆزلىرى خەلقئارادا يېقىندىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان تەنقىدلەرگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.