چېن چۈەنگو مۇقىملىق ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىشنى تەكىتلىگەن

2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگو تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېڭىدىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان ئىجرا بولۇۋاتقان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا بولۇشى ھەققىدە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 18-سېنتەبىر سانىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېسىلغان. ماقالىدا ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى تۈپ ئىستراتېگىيەسى بولغان «مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك» نى قەتئىي ۋە تېخىمۇ بەجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىش، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى «خەلق ئۇرۇشى» نىڭ بىر باسقۇچلۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېچىلماقچى بولغان 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارلىرىدىن ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۇنشەن قاتارلىقلار خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىدى. ئەمما چېن چۇەنگو ھازىرغىچە سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى ئەمەس بولۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر «چېن چۇەنگو مۇشۇ خىلدىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق بېيجىڭدىكىلەرنىڭ مەمنۇنلۇقىنى، شۇ ئارقىلىق 19-قۇرۇلتايدا سىياسىي بيورونىڭ ئەزاسى بولۇشنى تاما قىلماقتا» دەپ قارىماقتا.