چېن مىڭگونىڭ «قوش مەنسەپ» كە تەيىنلىنىشى دىققەت قوزغىدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭىدىن ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى زور دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىن مىڭگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) نازارىتىنىڭ نازىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە نازىرى قاتارلىق ھوقۇقلارنى تەڭلا تۇتۇپ كەلگەن ۋاڭ مىڭشەننىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىش» ھەققىدىكى ئىلتىماسى «تەستىقلانغان». بۇنىڭ بىلەن چېن مىڭگو ھەم مۇئاۋىن رەئىس ھەم ج خ نازىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھېچقانداق ئۇيغۇر ج خ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ باقمىغانىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن «بۇ ۋاڭ مىڭشەننىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان چوڭ ھوقۇقلارنى پارچىلاش، شۇ ئارقىلىق چېن چۇەنگونىڭ تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن ھازىرقى سىياسىي باستۇرۇشنى داۋام قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇرۇنۇشى بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1966-يىلى تۇغۇلغان چېن مىڭگو ئىزچىل سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ سوت سىستېمىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشقا كۈچ چىقىرىشى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.