ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەر يېقىندىن بۇيان يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
چىرا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-سېنتەبىر كۈنى چىرا ناھىيىسى ھەيۋەتلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 1100 دىن كۆپرەك خىتاي ئوقۇتقۇچىنى كۈتۈۋالغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش بىلەن قوبۇل قىلىنغان بۇ 1100 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى چىرا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، چىرا يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، گۇلاخما بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە دامىكو يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن.
كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا چىرا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شاۋكەت ياسىن سۆز قىلىپ، «چىرادا مەن، سەن ياكى ئۇ دېگەن گەپ يوق، پەقەتلا بىز دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار چىرا خەلقىنىڭ بەختى،» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالدىنقى ئايدا ھۆججەت چىقىرىپ، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتكۈل باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىمۇ 7-ئايدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇشتىكى 5 تۈرلۈك بەلگىلىمە» چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.