ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چۆچەك ۋىلايىتىدە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ سىرتقا چىقىشتا جەدۋەل تولدۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر دىيارىلىق قازاقلارنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ خىل جەدۋەلنى تولدۇرماي باشقا جايلارغا بارغانلار جازالىنىدىكەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر دىيارىلىق بىر قازاق پۇقراسى رادىيومىزنى چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بىر ئىجتىمائىي رايوننىڭ چىقارغان بۇ ھەقتىكى بىر جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىدى.
«چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇلاق بازىرىنىڭ مەدەنىيەت كوچىسى ئىجتىمائىي رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» ناملىق بۇ ھۆججەتتە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارىدىغان يېرى، بېرىش مەقسىتى، ۋەدىنامە يېزىشى ۋە مەسئۇل 3 كىشىنىڭ پىكىرى ھەم تەستىقىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاينىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى بىر لاگېرىدا بىر يىل 9 ئاي يېتىپ يېقىندا قازاقىستانغا چىققان بىر قازاق پۇقراسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەر قېتىم سىرتقا چىقماقچى بولسا ئىجتىمائىي رايونغا بېرىپ، بۇ جەدۋەلنى تولدۇرىدىكەن. ئۇ 26-دېكابىر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «پۇقرالار، بولۇپمۇ لاگېردا يېتىپ چىققانلار سىرتقا چىقماقچى بولسا بۇ جەدۋەلنى چوقۇم تولدۇرۇشى كېرەك. كەنت ياكى يېزىغا بارماقچى بولغانلارمۇ بۇ جەدۋەلنى تولدۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەدۋەلنى تولدۇرماي باشقا جايغا بارسىڭىز ،سىزنى تۇتۇپ كېلىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر پۇقرالار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىرتتا تۇرۇپ قالسا ياكى كېچىكىپ قايتىپ كەلسە، دەرھال «سىياىسى تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئەۋەتىلىدىكەن.
مەزكۇر ھۆججەت تېخى قارابۇلاق بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. ئەمما د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەدۋەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى سىياسىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن. ئۇ «ئەمەلىيتتە بۇ ئۇسۇل تۈرمىنىڭ ئۆزگەرگەن بىر خىل شەكلى بولۇپ، پۈتكۈل رايوندا ئىجرا قىلىنماقتا،» دېگەن.