قاتاردىكى ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسى 4-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ كۆلەملىك چوشقا فېرمىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چوشقا بېقىشقا ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەل جەزىرەنىڭ خەۋىرىدە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ «دىنسىزلاشتۇرۇش» نىڭ بىرقىسمىغا ئايلانغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا باقمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ 2019-يىلى 11-ئايدا ئاپتونوم رايونىنى «چوشقا باقمىچىلىق بازىسى» غا ئايلاندۇرىمىز، دېگەنلىكى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا خىلاپلىق، دەپ قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە ئاھالىسىنىڭ 90 % نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى 25 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىر ئورۇنغا چوشقا فېرمىسى قۇرۇلغانلىقى، فېرمىدا يىلىغا 40 مىڭ چوشقا بېقىلىدىغانلىقى، فېرما قۇرۇش كېلىشمىنىڭ بۇ يىل 23-ئاپرېل يەنى دەل رامىزاننىڭ 1-كۈنى ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئادرىيان زېنز بۇ قۇرۇلۇشنى «شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلان «دىندىن خالى قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى دىندىن خالى قىلىش، ئۇلارنى كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىشكە، ياكى دىنسىز بولۇشقا يېتەكلەشنىڭ بىر قىسمى» ئىكەن.