CNN: «ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەن غەرب كارخانىلىرى كۆپەيمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى‏-CNN ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە خەۋەر بېرىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونى بىلەن سودا ئالاقىسىنى توختاتقان غەرب شىركەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

CNN نىڭ 23‏-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ بۇ ئورۇنلاردا تەن جازاسى، سىياسىي مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى تېررورلۇققا قارشى «كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش مەركەزلىرى» دە تەرىپلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى غەرب كارخانىلىرىنى قايىل قىلالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئۆزىۋاتقان غەرب كارخانىلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتىكەن. خەۋەردە، «سپىرىت»، «ئادىداس» قاتارلىق خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر رايوندا كارخانا قۇرۇپ، ئۇلارنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. خەۋەردە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىللىام نېينىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ: «ئىشلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز پۇلغا ناھايىتى ئۇزۇن ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تاللاش ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى ئاڭلاۋاتىمىز» دېگەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ «خۇافۇ مودا كىيىملەر شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زاۋۇت قۇرغانلىقى، بۇنىڭ يېقىندا «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «خۇافۇ» شركىتى CNN گە بەرگەن باياناتىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تور بېتىدىكى بەزى رەسىملىك خەۋەرلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن. CNN نىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، نۆۋەتتە گاپ، سپىرىت، بادگەر سپروتس، ھ&م قاتارلىق چوڭ خەلقئىارا شىركەتلەر ئۇلارنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت