خىتاي ئەلچىسى سۈي تيەنكەي خىتاينىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە جاۋابكارلىقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە: «مەن پەقەت ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ پەسەيتىلىشىنى ئارزۇ قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشنى كۆزلەۋاتىمەن.» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى تەكىتلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ بۇنداق سۆز قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

سۈي تيەنكەي خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولغانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەنمۇ بارلىق ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ھەتتا «ئەكسىچە ئامېرىكالىق رەھبەرلەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىدى،» دەپ تەنقىد قىلغان.

ئۇ يەنە بىر قىسىم ئامېرىكالىق سىياسىيونلارنىڭ خىتاي بىلەن قەستەن ئېلىشىپ، خىتاينىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلىۋاتقان سەھىيە ياردەملىرىدىن قۇسۇر ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكانىڭ زىيان تارتىشى بەدىلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ رەت قىلغان.

ۋۇخەندىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋاباغا ئايلىنىپ، زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقەتنى مەقسەتلىك ھالدا يوشۇرۇشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى دۇنيادا ھەممىگە ئايان بىر پاكىتقا ئايلانغان، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سوراشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي ئەلچىنىڭ يەنە توختىماي گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنۇشى دىققەت قوزغىدى. بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكانىڭ مىسسورى شىتاتى تېخى ئالدىنقى كۈنىلا تۇنجى بولۇپ خىتاي ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. مىسسۇرى شتاتلىق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، باش تەپتىش ئېرىك شىمىسنىڭ ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنيانى ئالدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ قىلمىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە جاۋابكار بولۇشى لازىم،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت