جۈمە كۈنى ھىندىستاننىڭ سالۇگارا دېگەن جايىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مۇخلىسىغا سۆز قىلغان تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۆزى تەشەببۇس قىلغان مۆتىدىل يولنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ بۇ نۇقتىدا خىتايدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن راست گەپ قىلالايدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەم خىتايلار ئارىسىدا مۆتىدىل يولنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «مەن ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان بۇ يولنىڭ غەلىبە قىلىشىغا 100% ئىشىنىمەن» دېگەن.
سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ بىر قىسمى، بولۇپمۇ ياش پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەنئەنىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، تىبەت ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پەقەت رادىكال تەدبىرلەر ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن؛ دالاي لاما بولسا، مەسىلىنى خىتاي تەرەپ بىلەن دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.
دالاي لاما بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە، ئۆزىنى تىبەت خەلقىنىڭ يېتەكچىسى ياكى بۇيرۇقچىسى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، پەقەت تىبەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ۋە تىبەت خەلقى نېمىنى خالىسا خەلقئارا جامائەتكە شۇنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.