بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى ئىندىئاناپولىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكىدىكى شەھەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىلىشىغا داخىل بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق شەھەر باشلىقىغا نۇتۇق سۆزلىگەن.
دالاي لاما مەزكۇر نۇتقىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى داڭلىق چولپان گاگا خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، دالاي لاماغا ھۇجۇم قوزغىغان.
خۇڭ لېي مۇنداق دېگەن: «دالاي لامانىڭ باشقا دۆلەتلەرنى تىنىمسىز زىيارەت قىلىشى ۋە ئۆزى بارغانلىكى ئەللەردە ھەر خىل پائالىيەتلەردە بولۇشىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۆزىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقى پىلانىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتۇر، خالاس. بىز خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاۋامنىڭ ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!»
ھالبۇكى، دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئەكسىچە، دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ مۇھەببەت ۋە ھېسسىداشلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتتىكى ئىچكى قىممەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دالاي لاما ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ يەكشەنبە كۈنى داڭلىق چولپان گاگا خانىم بىلەن سۆھبەتلىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ بىئارام قىلغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە دالاي لامانىڭ ئىندىئاناپولىستىكى نۇتقىدا نۆۋەتتىكى توقۇنۇشقا تولغان دۇنيادا ئىنسانىي مۇھەببەت بىلەن ھېسسىداشلىقتىن ئىبارەت دۇنياۋى مەنىۋى قىممەتنى تىكلەشتە ئۆز ئۈمىدىنى ئامېرىكىغا باغلايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى خىتاينىڭ ئوغىسىنى تېخىمۇ قايناتقان.