بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ياۋروپادىكى زىيارىتى داۋامىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، سىياسىي جەھەتتىن بىر ئارىغا جەم بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل مودېلنى مەدھىيىلىگەن ۋە بۇنىڭ تىبەت ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ روھىدىن بەكمۇ تەسىرلەندۇق. ھەم مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، ھەم ئورتاق مەنپەئەت ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.
دالاي لاما سۆزىدە يەنە «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بىزنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلغان تەقدىردە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدە قېلىشقا رازىمىز» دېگەن.
دالاي لاما ۋە «سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى» ھازىرغىچە يۈرگۈزۈۋاتقان دەۋالىرىدا خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بىراق، بۇ خىل كۆز قاراشقا قارشى مۇستەقىللىقنى ياقىلىغۇچى تىبەتلەرنىڭ بارلىقىمۇ مەلۇم.