دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتى خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە قاراتقان دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارا قىلغان
2016.12.05
تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ يېقىندا موڭغۇلىيەگە قىلغان زىيارىتى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ موڭغۇلىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تاشلىغان قارا سايىسى ھېلىھەم غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن بېيجىڭ دائىرىلىرى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، «جۇڭگوغا قارشى بىر بۆلگۈنچىنىڭ موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قەتئىي بىكار قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، دالاي لامانىڭ ئىلگىرىكى 9 قېتىملىق موڭغۇلىيە زىيارىتىگە ئوخشاشلا ئۇلانباتور بۇ قېتىممۇ خىتاينىڭ بۇ يولسىز تەلىپىگە ئېتىبار قىلمىغان.
دالاي لاما 3 مىليون ئاھالىگە ئىگە موڭغۇلىيەدە قىزغىن قارشى ئېلىنغان. تىبەت بۇددىزمىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان مۇرىتلىرى ئۇلانباتورغا توپلىشىپ، دالاي لامانى تاۋاپ قىلغان. دالاي لاما ئۇلانباتوردىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن سېلىنغان چوڭ بۇتخانىدا بۇددىزم مۇرىتلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بۇ يەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «خىتاي تەرەپ مېنىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتىمگە توسقۇنلۇق قىلدى،» دېگەن.
دالاي لاما ئۇلانباتوردىكى مەزكۇر بۇتخانىدا يەنە موڭغۇلىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك دىنىي داھىيسى جېبسۇندامبا خۇتۇقتۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ دالاي لاما ۋە بەنچەن لامادىن قالسىلا تىبەت بۇددىزمىنىڭ 3-نومۇرلۇق داھىيسى ھېسابلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيەدىكى پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. 23-نويابىر كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتاي-موڭغولىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى مۇددەتسىز كەينىگە سۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلانباتورنىڭ خىتايدىن ئېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بارلىق ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قەرز پۇللاردىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.