180 دىن ئارتۇق تەشكىلات بىرلىكتە دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلاردىن قول ئۈزۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.23

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئورتاق ھالدا دۇنياۋى كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە كۆز يۇمماسلىققا چاقىرغان.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى 23-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 180 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن تەشكىلاتلار بىرلىكى دۇنيادىكى كۆپلىگەن مودا كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلار مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت سادىر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەرقايسى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىماي، يەنىلا خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى بۇ تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن، دەپ ئاتىغان.

ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر شارىدىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى پاختا خام ئەشياسىدا ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەر بەش پاختا مەھسۇلاتنىڭ بىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، ئۇ ئىشلەپچىقارغان پاختىنىڭ 84 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە يىپلار باڭلاداش، كامبودژا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدىكەن. ئۇ يەنە پاختا ۋە يىپ توقۇمىچىلىق ۋە ئۆي جاھازلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ھەپتە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەر تاقاۋاتقان ماسكىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مال تەمىنلەشكە داۋام قىلىۋاتقان ماركىلارنىڭ تىزىملىكىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار «Calvin Klein ,Gap, C&A, Adidas, Muji, Tommy Hilfiger» قاتارلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يۇقىرىقى 180 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئىچىدە 70 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بار ئىكەن. بۇ تەشكىلاتلار بىرلىكى يەنە خەلقئارادىكى قۇل ئەمگىكىگە قارشى تەشكىلاتلار ۋە ئەمگەك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا يەر شارىدىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ئۇلارنى بىر يىل ئىچىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەھسۇلات ۋە ماتېرىياللارنى يوقىتىشقا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىدىكى ھەرىكەتلەردە رول ئېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.