ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى DeepSeek نى ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدىن چەكلەش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.02.07

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتى ئەزاسى دېرىن لاخۇد (Darin LaHood) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوش گوتتخايمېر (Josh Gottheimer) خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرى بولغان DeepSeek نىڭ ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدە قوللىنىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا خىتاي تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىگە قارىتا جاسۇسلۇق قىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دۆلەت مەجلىسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دېرىن لاخۇد مۇنداق دېگەن: «DeepSeek شىركىتى خىتاي كومپارتىيەسىگە چېتىشلىق شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى گوتتېيمېر بولسا سۆزىدە «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ DeepSeek ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىغا ئائىت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان پاكىتلارغا ئىگە بولدۇق» دېگەن.

NBC خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سانلىق مەلۇمات قوغداش ۋە تور بىخەتەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Feroot ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىۋان تسارىننىين «DeepSeek سۈنئىي ئەقىل پاراڭلىشىش دېتالىدا غەرەزلىك يوشۇرۇن كود بارلىقىنى، ئۇنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئابونتلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئامېرىكادا چەكلەنگەن ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە يوللىيالايدىغانلىقى» نىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا 6-فېۋرال پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇنى رەت قىلىپ، «خىتاي ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا مەسىلىلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكادىكى ABC خەۋەرلەر تورى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئېرىشكەن بىر دوكلاتقا ئاساسەن، «خىتايدا ئىشلەنگەن ۋە تورغا ئۇلانغان كامېرالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش ياكى ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىنلىكى» ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ خىمىيە ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ئورۇنلىرىدا خىتايدا ياسالغان نەچچە ئون مىڭلىغان كامېرالار ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ كامېرالارنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتلەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.