ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار خەلق ئەسكەرلىرىگە مائاش بېرىشكە مەجبۇرلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.05.02

يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا مۇقىملىق خىراجىتى تۆلەۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىراجەتنىڭ كەنتتىكى خەلق ئەسكەرلىرىگە مائاش قىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

يېقىندا، مەكىت ناھىيىسى شېھىتدۆڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى. ئۇقتۇرۇشتا، كەنتتىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئاھالىلەردىن 50 سومدىن مۇقىملىق خىراجىتى يىغىش قارار قىلىنغانلىقى ۋە بارلىق ئاھالىلەرنىڭ بۇ پۇلنى 1 - مايغىچە تاپشۇرۇپ بولۇشى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردىمۇ بۇ ئەھۋال ئىنكاس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقى بويىچە ھەر بىر كەنت ئۆز ئالدىغا 6 نەپەر خەلق ئەسكىرى تەشكىللىشى ۋە ئۇلارغا ئېيىغا 1500 سوملۇق ئۆلچەم بويىچە مائاش بېرىشى ۋە بۇ مائاش ئاشۇ يېزا، كەنت قاراشلىق ناھىيىنىڭ مالىيىسدىن ئاجرىتىلىشى كېرەك ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشى دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويۇلغان. ئىنكاستا ئېيتىلىشىچە، بەزى ناھىيىلەردە دېھقانلار ئائىلىدىكى نوپۇس بېشىغا يىلىغا 150 يۈەندىن قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان. تاپشۇرۇشقا قوشۇلمىغانلار ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن تەھدىتكە ئۇچرىغان.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قويغان خەلق ئەسكەرلىرى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان. يېقىندا مارالبشىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىمۇ ئەنە شۇلار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.