ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى يېقىدا 33 خىتاي شىركىتىنى «دەلىللەنمىگەن شىركەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشىنى چەكلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 8-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇلارغا بەلگە قويغان ھەمدە ئامېرىكا تەۋەسىدىن بۇ شىركەتلەرگە مال ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ماسيۇ ئاكسېلرود بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا «بىز ئامېرىكا تەۋەسىدىن مال ئالىدىغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز ئېكسپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز» دېگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ دىرېكتورى كرىستوفېر راي «ھازىر ھېچقانداق بىر دۆلەت بىزگە ئىدېئولوگىيە، ئىجادىيەت ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكى ساھەسى بويىچە خىتايدەك زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقىنى يوق» دەپ جاكارلىغان پەيتكە توغرا كەلگەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ 33 شىركەت بۇندىن كېيىن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى شىركەتلەردىن ھەرقانداق مال سېتىۋالماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. 2020-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان «جوڭشىڭ» (ZTE) گۇرۇھىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان چەكلىمىنى قويغاندا ئۇلار ۋەيران بولۇشقا قىل قالغان ئىدى.