غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ۋە جازا يۈرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي يەنە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشماقتا ئىكەن. 5-ماي كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلى تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان دىپلوماتىيە ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسى، جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە يېقىنلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يەر شارى تېلىۋىزىيە قانىلى پاكىستان، پەلەستىن ۋە سۇرىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى خەلقئاراغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل 6-ئايدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «ئوممان خىتابنامىسى» ئىمزالاپ، رادىكال ئىسلامىزمنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شۇ باھانىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن «ئىجازەت» ئالغانىدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئوممان، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشى» نى قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىدىكى پىكىر ئېقىمىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشى ۋە جازا يۈرگۈزۈشى بىلەن تەڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىمۇ خىتايغا قارىتا ئەيىبلەش سادالىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن ئەنسىرىگەن. ئەمما مۇسۇلمانلار دۇنياسى خىتاينىڭ پۇلى ۋە كۆز بويامچىلىقىغا ئالدىنىۋاتقان بولغاچقا، خىتاينىڭ داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە سۈكۈت قىلماقتىكەن.