ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندا بايقالغان ئىككى دانە دىنازاۋور تاشقاتمىسى بۇ ماكاننىڭ قەدىمكى جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ھەققىدىكى بەزى ھۆكۈملەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىغان.
CNN خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىن بايقالغان ئىككى دانە دىنازاۋۇر تاشقاتمىسى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن تۇخۇملىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئالىملار ھازىرغىچە تېخى بايقالمىغان تۈرلەرگە مەنسۇپ، دەپ ئېلان قىلغان. خىتاي ئالىملىرى ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ دىنازاۋور ئەۋرىشكىلىرىگە «يىپەك يولى گىگانت دىنازاۋورى» ۋە «قۇمۇل گىگانت دىنازاۋورى» دەپ ئىسىم قويغان.
خىتاي ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسى «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئەمما ئاپتورلار ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل قۇرغاق رايون جۇغراپىيەسىگە دائىر ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى يىراقتىن سېزىش بىلەن تونۇلغان داڭلىق ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەردىن تاشپولات تېيىپ بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا قولغا ئېلىنىپ كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
بىر قىسىم ئالىملار ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىدا بۇ رايوننىڭ دەسلەپكى بور دەۋرىدە بىپايان دېڭىز-ئوكيان بولغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغان، دەپ قارايدىكەن.