خىتاي تېرمو فېشىرنىڭ DNA رەتلەش ئەسۋابىنى تىبەتلەرنى باستۇرۇشتىمۇ ئىشلەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.03

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشتا ئامېرىكادىكى تېرمو فېشىر شىركىتىنىڭ DNA رەتلەش ئەسۋابىنى قوللانغان.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى؛ نەتىجىدە بۇ ھەقتە سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەن تېرمو فېشىر شىركىتى، ئۇيغۇر رايونىغا DNA رەتلەش ئەسۋابى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تېرمو فېشىر شىركىتىنىڭ DNA رەتلەش ئەسۋابىنى تىبەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتىمۇ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئامېرىكادىكى «ئوكسىيۇس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تېرمو فېشىر شىركىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىدا تىبەتكىمۇ DNA رەتلەش ئەسۋابى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئوكسىيۇس» نىڭ 3-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېرمو فېشىر شىركىتىنىڭ باياناتچىسى «ئوكسىيۇس» تورىغا يازما بايانات ئەۋەتىپ، «بىز بىر قاتار ئامىللارغا ئاساسەن 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ رايونغا ئىنسان كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى (HID) مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى توختاتتۇق. تىبەت ئاپتونوم رايونىغا بىزنىڭ ئىنسان كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىمىزنى ساتماسلىقنى قارار قىلدۇق» دېگەن.

2022-يىلى، خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تىبەتتە تېرمو فېشىردىن سېتىۋالغان DNA رەتلەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ، تىبەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. 2022-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى تېرمو فېشىرنىڭ مەسئۇلى مارك كاسپېرغا خەت يېزىپ، بۇ شىركەتنىڭ DNA رەتلەش ئەسۋابلىرىنى تىبەتتىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىگە ساتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى، بۇ ئەسۋابلارنىڭ قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى نامىدا توپلىغان DNA ئۇچۇرلىرىنى رەتلەشتە تېرمو فېشىر شىركىتىدىن سېتىۋالغان DNA رەتلەش ئەسۋابىدىن پايدىلانغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا بۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.