ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكالىقلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىدا خىتاينى سوتقا تارتىشىغا رۇخسەت قىلىش قانۇن لايىھەسى سۇنغان

ئامېرىكانىڭ ئىككى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاينى سوتقا تارتىپ، ئۇنى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىنى تۆلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇنغان.

قانۇن لايىھەسىنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەن كرېنشاۋ بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن لايىھىسىدە ئامېرىكانىڭ چەتئەل ئىگىلىك ھوقۇقى كەچۈرۈم قىلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىلىرىگە خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىغا يول قويۇلغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت ترامپ، ئەگەر خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ «تارقىلىشىغا بىلىپ تۇرۇپ يول قويغان بولسا»، ئۇنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيانى كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان دوختۇر ۋە ژۇرنالىستلارنى جىمىقتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيادا كەڭ تارقىلىشىغا يول ئاچتى. ئۇلارنىڭ ۋىرۇسنى يۇشۇرۇشى مىڭلىغان بىھۇدە ئۆلۈم ۋە سانسىزلىغان ئىقتىسادى زىياننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى مۇۋاپىق، دەپ قارايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكانىڭ «تېررورلۇقنى قوللىغۇچىلارغا قارشى تۇرۇش ئادالەت قانۇنى» نى ئۈلگە ئالغان بولۇپ، ئۇ «خەلقئارا ئاممىۋى ساغلاملىق جىددىي ئەھۋاللىرىدا ئۇچۇرنى يوشۇرغان ياكى بۇرمىلىغان چەتئەل دۆلەتلىرىگە قارىتا ھەق تەلەپ داۋاسى قىلىش» نى چىقىش قىلغان ئىكەن. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلسىمۇ، لېكىن بەزى دەلىللەر كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىدىن تارقالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.