دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كىم ئاياغلاشتۇرىدۇ»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى ئەرەب گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە چاقىرىق قىلدى. ئۇ ماقالىسىگە «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كىم ئاياغلاشتۇرىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويغان. دولقۇن ئەيسا ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى 3-4 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ھەتتا ئىرقىي قىرغىن قىلىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم شۇنداق ئېغىر بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكادىن باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى، تېخىمۇ ئېچىنارلىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەتتا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ماقالىسىدە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تېخى ئالدىنقى ھەپتە، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 46 دۆلەت خىتاينىڭ ب د ت دىكى سىياسىتىنى قوللايدىغان خەتكە ئىمزا قويدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسى قانداق قىلىپ مىليونلىغان مۇسۇلماننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى قوللايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى؟» دەپ سوئال قويغان.

دولقۇن ئەيسا ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.