دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.31

چارشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى باشلىقى ئۆمەر قانات شۇنداقلا ئامېرىكىدا تەشكىللەنگەن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇلار رادىئو رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە پىلانلىرى ئۈستىدە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بەردى. ئۇلار ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە خىتاي بۆلۈملىرىنىڭ ئايرىم تېلېۋىزىيە ھەم رادىئو ئاڭلىتىشلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» بىلەن بىرلىكتە يەنە يېقىندا يۈز بەرگەن داڭلىق دىنى ئۆلىما مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ ئۆتتى. روشەن ئابباس خانىم بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن جىددىي تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 3-ئايدا نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.