ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ فەرياپ ۋىلايىتىدە تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆزبېك گېنېرال ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئابدۇرېشىت دوستۇم، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئارقىسىدا پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى تالىبان كۈچلىرىدىن ئازاد قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئافغان ئارمىيىسىنى تەربىيىلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئافغان ئارمىيەسىنى قورال بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە فارياپ تېغى ئەتراپىدىكى تالىبان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 5000 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلاردىن ئىككى مىڭ نەپىرى نۆۋەتتە دوستۇم قوماندانلىق قىلىۋاتقان فارياپنىڭ قورمۇچ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان كۈچلىرى 17 -ئۆكتەبىر كۈنى فارياپ ئايرودرومى ۋە ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم دوستۇم ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئارقىغا چېكىندۈرۈلگەن. بۇ جەرياندا ئافغانىستاندا دوستۇمنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان، دوستۇم بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر ھۇجۇمدا 15 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
1980 -يىللاردىن باشلاپ ھاياتى جەڭ مەيدانلىرىدا ئۆتكەن ئابدۇرېشىت دوستۇم 2014 -يىلى ئافغانىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق تەختىگە ئولتۇرغان. تالىبان كۈچلىرى قايتا جانلىنىشى بىلەن دوستۇم يەنە بىر رەت ئۇرۇش سېپىنىڭ ئالدىغا ئاتلانغان.