خىتاي تەرەپ دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى سۆزىنى كېسىۋېتەلمىدى
2023.03.23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 23-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان. يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىغان.
دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52 –نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە بۇنىڭغا ئائىت ئسىپاتلارنىڭ ب د ت نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتلاردىمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
دولقۇن ئەيسا سۆزىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدە سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلغان دۆلەتلەرنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئەيىبلەش ۋە تەكشۈرۈش قارارلىرىنىڭ ئېلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىنى كېسپ، ئۇنىڭ «ھۆكۈمەتسىز ئورگاننىڭ ۋەكىلى ئەمەس، بەلكى خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ، يىغىن رەئىسىدىن ئۇنىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقى يىغىندىكى ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا ۋەكىلى، دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىنىڭ كېسىلمەسلىكى ۋە داۋاملىق سۆزلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىنىدىكى ئېرىتېرىيە ۋەكىلى خىتاينىڭ تەلىپىنى قوللاپ سۆز قىلغان.
ئەمما ئاخىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، باش ئەلچى ۋاسلاۋ بالېك (Václav Bálek) دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت بەرگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما ماسلاشتۇرغۇچىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.