خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.01

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئۆزى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشىنى توسقان. كورونا ۋىرۇسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقۇمنى بىر مەزگىل يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ ھەرىكىتى ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىگە دائىر ھەر خىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغانىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گاۋدېن گالېنىڭ «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. ئۇ؛ «بىز دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى باسقۇچتا ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنمىدۇق» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭدا ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى شۇنداقلا ھايۋانلار بىلەن ئادەملەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر ئىكەن. خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشىنى رەت قىلىش سەۋەبى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسىگە بولغان گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. گاۋدېن گالې خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرماسلىقىغا بىرەر ئورۇنلۇق سەۋەبى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئورۇنلۇق سەۋەب يوق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.