دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «1-ئۆكتەبىر 65 يىللىق زۇلۇم ۋە ئەمەل قىلىنمىغان ۋەدىلەرنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.10.01

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىنىڭ سىمۋولى بولغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىق تارىخىنىڭ قاتتىق زۇلۇم ۋە ئەمەل قىلىنمىغان ۋەدىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا مۇنۇلار دېيىلدى: «1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. 1949-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. ئالتە يىلدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى رەسمىي قۇردى. ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت، تىل، تارىخ ۋە دىننى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن. بۇنداق ۋەدىلەر تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارغىمۇ بېرىلگەن. بىراق بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلىنمىدى. ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› قۇرۇلۇشىنىڭ 65 يىللىقىدا ئۇنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت نەچچە ئون يىللىق باستۇرۇش، بويسۇندۇرۇش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ۋەدىگە ئەمەل قىلماسلىق بولدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنلىرى ۋە خەلقئارادا قول قويغان بارلىق قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە پۈتۈنلەي بىر ئىشغال قىلغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار بارا-بارا ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلدى، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە كىملىكى بۇزۇلدى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى چەكلەندى. ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش، يىغىلىش ۋە دىن ئەركىنلىكى يوق. دىنىنى، ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ھەققى يوق. ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن چىققان بايلىقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقى يوق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 71 يىلدا مۇتلەق ھوقۇق ۋە مۇتلەق كونتروللۇقنى قوغلىشىپ، ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈشىگە سەۋەب بولدى،» دېيىلگەن.

بۈگۈن، يەنى 1-ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۆلەملىك نامايىشلار ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.