ئەلىشىر ئۆمەرنىڭ چېمپىيون بولۇشى ئاشكارىلىغان ھەقىقەتلەر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.08.22

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتور شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئەلىشىر ئۆمەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. خەۋەردە ئۇنىڭ چېمپىيون بولغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى يېپىنچاقلاپ مۇنبەرگە چىققانلىقى ئۇنىڭ شەرەپ قۇچقانلىقىدىنمۇ بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2006-يىلى باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئەلىشىرنى 2022-يىلى خىتاي مەشقاۋۇللىرى «بايقىغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىگەن» . نەتىجىدە ئۇ خىتاي «مەشقاۋۇللارنىڭ رەھبەرلىكىدە» تېزلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بىرنەچچە قېتىم رېكورتنى بۇزۇپ، يېڭى نەتىجە ياراتقان. ئۇنىڭ مەشقاۋۇللىرىدىن جاڭ ياڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ يىل 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىغا ئىشەنچىم كامىل» دېگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن نۇرغۇن سەرخىللىرى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان بولۇپ، بۇ تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان. شۇ قاتاردا 2022-يىلى فېۋرالدا بېيجىڭدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تەنتەربىيە ساھەسىدە ھېچقانداق نام چىقىرىپ باقمىغان مۇز تېيىلىش ماھىرى دىلنىگار ئىلھامجاننى بىردىنلا «ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت ياققۇچى چولپان» قىلىپ كۆتۈرۈپ چىققان ھەمدە خەلقئارادا زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئەلىشىر ئۆمەرنىڭ يۈگۈرۈش تۈرىدىكى نەتىجىسىنى خىتاي قىزىل بايرىقى بىلەن زورلاپ باغلىماقچى بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنە شۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ داۋامى، دەپ قارالماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تەنتەربىيە تۈرلىرىدە يەنىلا ئۇيغۇرلارغا تايىنىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، ئەمما «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك» تاكتىكىسى بويىچە بۇ ھالنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز تەشۋىقاتلىرىغا قورال قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.