ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 11‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ۋە40-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 86 ۋە 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى»، «لاگېرلار تاقالسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلايلى» دېگەن لوزۇنكا، شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشتا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەخىمە مەخمۇت ئامېرىكادىكى «برېيبارت خەۋەرلەر» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلاردا «تەن جازاسى، ئاچلىق، پاسكىنىچىلىق، كىشىلەرنى نامەلۇم دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئاياللارنى مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇش» نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكى، لاگېردا يېتىپ چىققان ئاياللارنىڭ «تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي نامەلۇم دورا ئىستېمال قىلدۇرۇشى سەۋەبلىك ياش ئاياللارنىڭ ھېيىز كۆرۈشىنىڭ توختىغانلىقى» قەيت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ «برېيبارت» ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە يەنە لاگېرلاردا «باسقۇنچىلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى، تۇتقۇنلارنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك قىپ-يالىڭاچ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ قېپ-يالىڭاچ قىلىنىپ، (لاگېر) خادىملىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇلىدىغانلىقى»، بۇ خورلۇقنىڭ «21‏-ئەسىردىكى ئىنسانلىققا قارشى بىر جىنايەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارشى دەس تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. «برېيبارت» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نامايىشتىكى يەنە بىر نامايىشچى ئۇيغۇر قىزى خىتاينىڭ «دىنىي رادىكاللارنى قايتا تەربىيەلەيمىز» دېگىنىنىڭ بىر باھانە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش» ئىكەنكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت