ئەنگلىيە سوتى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ «شىنجاڭ پاختا» مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئەرزىنى رەت قىلغان
2023.01.20
ئەنگلىيە سوت مەھكىمىسى 20-يانۋار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئەنگلىيەدىكى «يەرشارى قانۇن ھەرىكىتى تورى» نىڭ بىرلىشىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سۇنغان «شىنجاڭ پاختا» مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئەرزىدە ھۆكۈمەتنى يوللۇق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. بۇ ئىككى تەشكىلات ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيە سوتىغا ئەرز قىلىپ، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنى «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىمەي» ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغانىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ۋە چەكلەش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرگە پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان. مەزكۇر تەشكىلات 20-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا:«سوتنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش <يېتەرلىك ئويلىنىش> توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قارار «ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بازار باھاسىدا سېتىۋالسىلا، ئۇلار بۇ ماللارنىڭ ۋەھشىيلىك جىنايىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىماسلىقىدەك كۆرۈنەرلىك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن».
باياناتتا يەنە :«ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى برىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى خەلقئارالىق زىتلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان ماللارنى ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەر پاناگاھىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ» دېيىلگەن.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يەرشارى قانۇن ھەرىكىتى تورى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشنى ئويلىشىدىكەن. باياناتتا، يەرشارى قانۇن ھەرىكىتى تورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان قەبىھ ۋەھشىي جىنايەتلەرنى خەلقئارالىق جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.