ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى-خەيكاڭ گۇرۇھىنى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى باب سېلىي ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپنامىسىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆزىتىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىبكە ئېلىشىدا تېخنىكا جەھەتتىن ھالقىلىق رول ئوينىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مەزكۇر شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى. لېكىن «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئەنگلىيەدىكى فارىنبورودا ئېچىلىدىغان «بىخەتەرلىك ۋە ساقچى سودا كۆرگەزمىسى» گە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى باب سېلىي ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىغا نارازىلىقى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاي ۋە يۇقىرى تېخنىكا مەسىلىسىگە كەلگەندە ئەخلاقى ئۆلچەمنى قايرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئەنگلىيە قىممەت قارشى ۋە ئۆلچىمىنى قوغلاشساق، بىز ھېچ بولمىغاندا ئىزچىل كۆرۈنۈشىمىز كېرەك،» دېگەن.
«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ كۆرگەزمىگە خەيكاڭ شىركىتىنى تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكا بىلەن يەنە بىر يېڭى ئىختىلاپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنگلىيەنىڭ بورىس جونسون ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەنى 5G ئۈسكۈنىلىرى تەمىنلىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.