ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى ستارمار شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.18

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى ( Keir Starmar) كېئىر ستارمار 18-نويابىر كۈنى بىرازىلىيەنىڭ رېئودې ژانېيرو شەھرىدە باشلانغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئەسناسىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە كېئىر ستارمار شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى، جۈملىدىن خوڭكوڭلۇق دېموكراتىك پائالىيەتچى جىمىي لەينىڭ مەسىلىسى، خىتاينىڭ بەزى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئىمبارگو قويۇشى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىدىن تۇيغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ، 2018-يىلى سابىق ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مېينىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشىدۇر.

ئەنگىلىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېئىر ستارمارنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشتا جىمىي لەينىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىكەن.

ستارمار مۇنداق دېگەن: «مەن بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭنىڭ يېقىندا كۆرۈشۈپ، بىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق، (ئەنگىلىيە)پارلامېنتىنىڭ جازاسى، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز ۋە خوڭكوڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمەن.» كېئىر ستارمارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ جىمىي لەينىڭ كۈنسىرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردە، ستارمارنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىن مەيدانىدىكى مۇخبىرلارنى دەرھال سىرتقا چىقارغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. سۆھبەتتە كېئىر ستارمار شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستارمار خىتاي بىلەن «نۇقتىئىنەزەر ئوخشىمايدىغان ساھەلەردە راستچىل ۋە دوستانە ئالاقە ئورنىتىش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.