ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېرنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، پەقەت ھەمكارلىقنى تەكىتلىگەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.11.19

ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىر كېير ستارمېر (Keir Starmer) بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى» دا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىنى ئىزدىگەن.

كېير ستارمېر ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي 2018-يىلى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

كېير ستارمېر شى جىنپىڭغا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بىز ئۆزئارا دېيىشكەندەك مۇستەھكەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللاردىن مۇمكىنقەدەر ساقلىنىشىمىز ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك».

ئەنگلىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دەيۋىد ئالتون (D. Alton) ئەنگلىيە باش ۋەزىر كېير ستارمېرنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكىنى تەنقىد قىلىپ: «ئىرقى قىرغىنچىلىق نەدە قالدى؟ ھۆكۈمەت ئادالەتنى ئەمەس، پۇلنى تاللىدى» دېگەن.

كېير ستارمېر ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەتكە چىقىشتىن بۇرۇن، «سايلامدا يەڭسەك ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىمىز، شۇنىڭدەك شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.