خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى 7-ئايدا ئەنۋەر تۇرسۇننى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 8-ئىيۇن ئېلان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان. ئەنۋەر تۇرسۇن خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى «مۈجمەل ئەيىبلەشلەر» بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە جازاغا تارتىلغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ يەنە بىرىدۇر.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئەنۋەر تۇرسۇننى «ھېچقانداق غايىسى ۋە ئىشەنچى يوق، پارتىيەگە سادىق ۋە سەمىمىي بولمىغان، مەركەزنىڭ زور قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان. مەركەزنىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان. پەرزەنتلىرىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۆلەشكە تېگىشلىك چىقىملارنى باشقىلارغا تۆلەتكەن…» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇقتۇرۇشتا تەكىتلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەنۋەر تۇرسۇننى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ‹خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى› دېگەن سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش» نى قارار قىلغان.
ئەسلى خوتەنلىك بولغان ئەنۋەر تۇرسۇن ئىلگىرى بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتەتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇزۇن يىل قەشقەردە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرى ئۆتىگەن. ئۇ 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى.