رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك خەلقىنى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قۇچاق ئېچىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-05-25
Share

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەنبە كۈنى سۈرىيە چېگراسىدىكى تۈرك يېزىسى رەيھانلىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرك خەلقىنى سۈرىيەدىن كېلىدىغان مۇساپىرلارغا داۋاملىق قۇچاق ئېچىشقا چاقىردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: موھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىزگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن.

مەزكۇر يېزىدا 11 - ماي پارتلاش يۈز بېرىپ، 51 ئادەم ئۆلگەن ۋە 100 يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.

تۈركىيە دائىرىلىرى مەزكۇر ھۇجۇمنى ئەسەد ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر رادىكال تەشكىلاتى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، سۈرىيە بۇنى رەت قىلغان.

بۇ ھۇجۇم تۈركىيە خەلقىدە سۈرىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغان.

نەتىجىدە رەيھانلىدىكى بىر قىسىم سۈرىيىلىكلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ماشىنىلىرى ئۇرۇپ - چېقىلغان ئىدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: خالىسا ھېچكىم ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلماس ئىدى. شۇڭا بىز قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچىقىمىزنى كەڭ ئېچىشىمىز كېرەك.

ئەردوغان يەنە سۈرىيە خەلقىگىمۇ سىگنال بېرىپ: قوزغىلاڭچى كۈچلەر بۇ دىكتاتورنى چوقۇن ئاغدۇرىدۇ، دېدى.

ئەسەد ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى ئۈستىدىكى قانلىق باستۇرۇشنى توختامىغادىن كېيىن، تۈركىيە سۈرىيە بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.