ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى 7 - ئاپرىل كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە سەپىرىنىڭ مەقسىتى تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كېررى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرغان. كېررى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيىنىڭ ئورتاق مەقسىتى سۈرىيىدە تىنچلىق بىلەن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ سۆزىدە ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئوخشاش مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ھازىر زور ساندىكى سۈرىيىلىك تۈركىيىدە پاناھلانماقتا. ئانالىزچىلار كېررىنىڭ تۈركىيە سەپىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ ۋە مۇھىم رول ئويناش رولىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.