ئەركىن تۇنياز: «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى داۋاملىق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىمىز»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.05.22

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئۇچۇر ئىشخانىسى بېيجىڭدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا بىر يۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات» تى ۋە كەلگۈسى پىلانى توغرۇلۇق دوكلات بەرگەن ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئەركىن تۇنياز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئىكەنلىكىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى داۋاملىق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنى ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» .

 ئەركىن تۇنيازنىڭ «ئۇيغۇر رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى داۋاملىق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالماقتا.

 خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى چياڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئارمىيەسى 6-دىۋىزىيەسىنىڭ ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ ئىلىپ بارغانىدى. ئۇمۇ زىيارىتىدە رايون بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.