كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بەزى خىتاي ئۆلكىلىرىدە كىشىلەرنىڭ كوچىغا چىقىشىمۇ چەكلەنگەن بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونىدىن زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي تورىنىڭ 26-فېۋرال ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قەشقەرنىڭ يوپۇرغا، يەكەن، قاغىلىق، يېڭىسار قاتارلىق 9 ناھىيەسىدىن 242 نەپەر ياش B787 نومۇرلۇق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن چاڭشاغا قاراپ يولغا چىققان.
بۇ جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ۋىرۇس تارقالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن خىزمەتچى توشىشى ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندىن بۇيانقى ئىشچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ سىرتقا ئىشلەمچىلىككە مېڭىشى ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ قېتىم يۆتكەلگەنلەر 90-ۋە 2000 يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ياشلار ئىكەن.
بۇ ياشلار يۆتكەلگەن چاڭشا شەھىرى بولسا، ۋىرۇس تارقالغان ۋۇخەن شەھىرىگە ئەڭ يىغىن بولغان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى.