راببى شمۇلى يانكلوۋىتز: «بارلىق ئېتىقادچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.04.04

3-ئاپرېل كۈنى، «ئامېرىكا ژۇرنىلى» ناملىق تور تاراتقۇسىدا «بارلىق ئېتىقادچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنى ئامېرىكالىق يازغۇچى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ راببىسى دوكتور شمۇلى يانكلوۋىتز (Shmuly Yanklowitz) يازغان. ئۇ ماقالىسىدە، ھازىر ئامېرىكالىقلارنىڭ دىققىتى بۇ دۆلەتتىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئايىغى چىقماس توقۇنۇشقا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەردە ھەر خىل كۆز قاراشلار بولسىمۇ، بىراق ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەدىكىلەر بىرلىشىشى لازىم بولغان بىر مەسىلە بارلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىش مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ ئايىغى چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھالبۇكى، خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلار، شۇنداقلا دېموكراتلار پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە پارتىيەسىزلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك بىرلىككە كېلەلەيدىغان مەسىلە-ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدۇر. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە باشقا نۇرغۇن زۇلۇملارغا ئۇچراپ، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدۇر.»

راببى شمۇلى يانكلوۋىتز ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، يېقىنقى تارىختا خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئامېرىكانىڭ پۇقرالار ھوقۇقى ھەرىكىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈن دۇنيادا ئەخلاقىي نورما ۋە قىممەت قاراشلارنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ يېتەرلىك ھەرىكەت قوزغىيالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە بۇنىڭ سەۋەبىنى قىسمەن ھالدا ئىنسانلارنىڭ دىندىن ئۇزاقلىشىشىغا باغلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەردە كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىماگى، يەنى ئوبرازىنى ياراتقۇچىنىڭ تەجەللىسىدىن ئالغاندۇر.»

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەرگە دىننىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى پارلاق كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىشكە ئۈندىگەن. شۇنداقلا بارلىق ئىنسانلارنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىققا، ئامېرىكادىكى سىياسىيونلارغا خىزمەت ئىشلەشكە، ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

راببى شمۇلى يانكلوۋىتز ماقالىسىدە يېقىندا نيۇ-يوركتا «ئېلىي ۋېيسىل فوندى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش توغرىسىدا دىنلار ئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بارلىق ئېتىقادچىلارنى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.