16-ئۆكتەبىردە شاڭخەيدە ئېچىلغان «2018-يىللىق باھار ۋە يازلىق لىباسلار كۆرىكى» دە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كەلتۈرۈلگەن ئەتلەس يىپەكلىرىدە تىكىلگەن بىر يۈرۈش مودا كىيىملەر سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان ھەمدە كۆرەكتىكى لىباسلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم شاڭخەيدە كۆرەككە قاتناشتۇرۇلغان بۇ لىباسلار «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەييارلانغان ئىكەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى كۆرەككە ئېلىپ كېلىنگەن ئەتلەس كىيىملىرىنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ لايىھەلىگەنلىكىنى، ئەتلەس يىپەكلىرىنىڭ «يىپەك يولىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە ساقلانغان بايلىق» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تەڭرىتاغدىن ھالقىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇلۇشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما ئەتلەسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. بۇ ھال كىشىلەرگە بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئوسمىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ قېلىشتەك پاجىئەسىنى ئەسلەتكەن.
تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەر سەنئەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئەتلەس توقۇش تېخنىكىسى يىراق زامانلار ئىلگىرىلا تارىم ۋادىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىپەك توقۇمىچىلىق مەركەزلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەتلەس يىپەكلىرى خىتاينىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.