ئامېرىكىدىكى بانگلادىشلىق ژۇرنالىست ۋە ئاپتور ھەبىب سىدىقى 17-يانۋار «ئاسىيا مۇنبىرى» تور گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەگەر شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك تازىلاش جىنايىتىنى توختاتمىسا، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە بالقان ئەللىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھەبىب سىدىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتى زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدا شەھەرلەرنى قۇرغان، بۇ ئارقىلىق چەتئەل كارخانىلىرىنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىپ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشەنچ بېرەلمىگەن. ئاپتور «ئۆز يۇرتىدىكى تۇتقۇن-ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر چەتئەل كارخانىسىنىڭ بۇ رايونغا ئورۇنلاشمىغانلىقى ۋە ئۆتكەن يىلى بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى ئاستىلاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي بۇ ئەھۋالنى ۋاقىتلىق ھادىسە، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قوزغىغان مەجبۇرى ئىجتىمائىي لايىھىلەش ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئېتنىك تازىلاش جىنايىتىنى توختىتىپ، بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق بىر مىللىي يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرمىسا، ئۇ سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە بالقان ئەللىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە قالىدىكەن.»
ئۇ يەنە، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇرۇشلۇق باشقا رايونلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىنى شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئىنتىلىشى ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، شۇڭا: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك تازىلاش جىنايىتىنى تەنقىد قىلىشى ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى» نى تەكىتلىگەن. ھەبىب سىدىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ئەگەر شى جىنپىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا، خەلقئارا جەمئىيەت ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› نى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان 3-دۇنيا ئەللىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «چۈنكى، بۇ خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق جىنايىتىنى توختىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن.