مېتا شېركىتى خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 500 دىن ئوشۇق ساختا فېيىسبۇك ھېسابىنى تاقىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-02
Share

Facebook ۋە Instagram تورىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Meta يېقىندا خىتايدىكى ساختا ئۇچۇر تورىغا چېتىشلىق 500 دىن ئارتۇق تور ھېسابىنى ئۆچۈرۋەتكەن.

BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ 500 دىن ئوشۇق ساختا فېيسبۇك ھېسابى «ۋىلسون ئېدۋاردس» ئىسىملىك ئاتالمىش شىۋىتسارىيەلىك «بىئولوگىيە ئالىمى» نىڭ «ئامېرىكا كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تېپىش خىزمەتلىرىگە پۇتلاكاشاڭ بولىۋاتىدۇ» دېگەن گېپىنى تور بەتلەردە كەڭ يايغان.

ھەتتا بۇ ئاتالمىش «شىۋىتسارىيەلىك ئالىم» نىڭ بۇ سۆزىنى خىتاينىڭ «يەر شارى تېلىۋىزىيە تورى» ( CGTN)، «شاڭخەي گېزىتى» ۋە «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ نەقىل قىلىپ ئىشلەتكەن.

ھالبۇكى، شىۋىتسارىيە ئەلچىخانىسى «ۋىلسون ئېدۋاردس» ئىسىملىك بۇنداق بىر كىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بىئولوگىيە تەتقىقاتىغا دائىر ھېچقانداق بىر ماقالىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ئاخباراتلىرىدىن خەۋەرلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزىنىڭ «شىۋىتسارىيەلىك بىئولوگىيە ئالىمى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ كىشى بۇ يىل 7-ئايدا فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېردا ھېساب ئاچقان ۋە «ئامېرىكا كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خىتايغا دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنى تەكشۈرۈۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىغا بېسىم ئىشلەتتى» دېگەن. ئاندىن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى 500 دەك ساختا تور قوللانغۇچىلىرى تەرىپىدىن كەڭ تارقىتىلغان.

شىۋىتسارىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق كىشى مەۋجۇت بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تور بەتلەردىكى ھېسابىمۇ ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىشتىن پەقەت بىر-ئىككى ھەپتە ئاۋاللا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت 3 ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن.

مېتا شىركىتى بۇ ساختا «ئالىم» ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى تارقاتقان ساختا ھېساباتلارنىڭ خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر تېخنىكا شىركىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىكى، شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى تور قوللانغۇچىلىرىنى ئالداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فېيسبۇك شىركىتى ساختا «شىۋىتسارىيەلىك بىئولوگ» نى مەركەز قىلغان ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، جەمئىي جەمئىي 524 Facebook ھېساباتى، 20 سەھىپىنى، تۆت گۇرۇپپا ۋە 86 Instagram ھېساباتىنى ئۆچۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مېتا شېركىتى ئىلگىرى فېيسبۇكتا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم ساختا ھېساباتلارنىمۇ ئۆچۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت