گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى توختىتىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.11.09

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

مەزكۇر چاقىرىق 8-نويابىر، يەنى پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدىن تارقىتىلىدىغان «دۇنيا بۇللېتىنى»، يەنى «دۇنيا ئاخباراتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. چاقىرىقتىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى ئۆكتىچى يېشىللار پارتىيەسى خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، سىياسىي «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى ۋە رايوندىكى تەقىبلەش سىستېمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

چاقىرىقتا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مارگارىت بوس خانىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولانغان. ئۇ يەردە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن، مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن. بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى شۇ يەردىكى مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سىستېمىلىق يوقىتىشتۇر».

ئۆكتىچى سولچىلار پارتىيەسىدىن ستىفان لىبىچمۇ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش» دەپ تەسۋىرلىگەن.

چاقىرىقتا يەنە خرىستىئان دېموكراتلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى مىشەل برەندمۇ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېلەركى ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن، يەنى 9-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو مائاس زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە لاگېر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ئىكەن.

6-نويابىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەلستەير كارمىشەل ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمىي خانتقا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» نى ئەيىبلەپ خەت يازغان.

خەتتە كارمىشەل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقىنى مەقسەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى. مىليونلاپ ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىشى، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىنىشى توغرا ئەمەس. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىشى ۋە لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.