خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى 980 مىليارد كۈپ مېتىر گاز توشۇپ بولغان

خىتاينىڭ تۇنجى لىنىيەسى 2004-يىلىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشكەن تۆت لىنىيەلىك «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا يولى يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 980 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز توشۇپ بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرى مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ 4-لىنىيەسى بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن بېرى، خىتاي ئۆلكىلىرىنى گاز بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنىڭ تېخىمۇ ئارتقانلىقى، نۆۋەتتە مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى 400 دىن ئارتۇق شەھەر، 3000 دەك زاۋۇت-كارخانا ۋە 500 مىليون ئاھالىنى گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە.

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بىرىنچى لىنىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىن باشلانغان. مەزكۇر قۇرۇلۇش 2002-يىلى باشلانغاندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈرۈلۈپ، تۇرمۇشىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا يولىنىڭ 2-لىنىيەسى 2008-يىلى باشلىنىپ 2012-يىلى ئىشقا كىرىشكەن. قورغاستىن باشلانغان 8300 كىلومېتىرلىق بۇ لىنىيە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شېنجېن شەھىرىگە تۇتاشقان. مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ 3-لىنىيەسىنىمۇ قورغاستىن باشلانغان. بۇ لىنىيە ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي بۆلىكى 2014 ۋە 2016-يىللىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 2021-يىلى باشلانغان ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ «ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا» ئىكەن. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك غول تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تورىنىڭ يىللىق ئومۇمى گاز يوللاش ھەجمى تەخمىنەن 240 مىليارد كۇب مېتىر، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا يولىدا توشۇلۇۋاتقان گاز مىقدارى بۇنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدىكەن.