غۇلجا ناھىيەسىدە بەش مىڭ دېھقان-چارۋىچى بۇ ناھىيەدىكى توقۇمىچىلىق باغچىسىنىڭ «ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرۇلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، غۇلجا ناھىيەسىدە بەش مىڭ دېھقان-چارۋىچىنىڭ بۇ ناھىيەدىكى بىر توقۇمىچىلىق باغچىسىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلزىرە ئاۋۇلقان غۇلجا ناھىيەسىدىكى مەزكۇر توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بۇ سانائەت باغچىسىدىكى ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان 20 كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىر توقۇمىچىلىق باغچىسىدا ئۆلچەملىك زاۋۇت بىنالىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 5000 دىن ئارتۇق يەرلىك دېھقان-چارۋىچى سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىدە، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن «جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» نىڭ 20 كىۋادرات كىلومېتىرلىق مەزكۇر سانائەت باغچىسىغا جايلاشقانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ زاۋۇتىدا تېرە پەلەي، يۇڭ پەلەي ۋە باشقا رەخت پەلەيلەرنى شىمالىي ياۋروپا، رۇسىيە، پولشا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەت-رايونلارغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى مەزكۇر توقۇمىچىلىق باغچىسى جياڭسۇ نەنتوڭ گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىگە ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سانائەت باغچىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى «توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەمگەك كۈچلىرى ئەڭ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ماركا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى سانائەت باغچىسى» ئىكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن رەسىملىك خەۋىرىدە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولۇشى، زاۋۇتتا بىرمۇ خىتاي ئىشچىنىڭ بولماسلىقى دىققەت قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئىلگىرى «جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئۆزىنىڭ پەلەي زاۋۇتىدا ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.