غۇلجىدا روماللىق ئۇيغۇر ئايال كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىرىلمىغان
2013.05.03
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بالا كۆتۈرۈۋالغان 25 ياشلاردىكى بىر روماللىق ئۇيغۇر ئايال كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىرىلمىغان. «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتوبۇس شوپۇرى ئايالنىڭ رومال ئارتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
خەۋەردە، بۇ ئايال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى كىيىشنى چەكلىگەن پەرەنجە قاتارلىق ئاتالمىش «غەيرىي كىيىملەر» نى كىيىۋالغان بولمىسىمۇ، بىراق رومىلى سەۋەبلىك ئاپتوبۇسقا چىقىرىلمىغان.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە بىر ئايرىم ھادىسە ئەمەس. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدا رومال ئارتقان، دىنىي پاسوندا كىيىنىۋالغان ئاياللارنى كەمسىتىش، ئاپتوبۇسقا ئالماسلىقتەك بۇ خىل ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە. «ئۇيغۇربىز» تورى بۇ ۋەقەنىڭ8 - يول ئاپتوبۇسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلدىن بۇيان غۇلجا شەھىرىدە دىنىي باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ساقال قويغان، ھىجاب ئارتقان دىندار ئەرلەرنى، ئاياللارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن. بۇ خىل قىياپەتتىكى بەزى دىندار كىشىلەرنى رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ بۇ خىل قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىشىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.