روتېرس ئاگېنتلىقى ئامېرىكىدىكى «ئېرسرايس» (Earthrise) ناملىق بىر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئورگىنى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان 39 ئورۇندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كېڭەيتىلىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇزۇن ھەجىملىك بىر ئاخبارات دوكلاتى ئېلان قىلغان.
ئاخبارات دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇلار بۇ لاگېرلاردىكى بىنالارنى بىرمۇ-بىر ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ لاگېرلارنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆلىمى 2017-يىلى 4-ئايدىن 2018-يىلى 8-ئايغىچە بولغان 17 ئاي ئىچىدە 3 ھەسسە كېڭەيگەن. ئاخبارات دوكلاتىدا، ئۇلار ئانالىز ئېلىپ بارغان بۇ 39 لاگېرنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 140 پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك ئاخبارات دوكلاتى ئېلان قىلغان 2-خەلقئارا ئاخبارات ئورگانىدۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيە BBC ئاگېنتلىقى لاگېرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ۋە نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى ئانالىز قىلىپ چوڭ ھەجىملىك ئاخبارات دوكلاتىدا ئېلان قىلغان ئىدى.
BBC نىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئەتراپىغا جايلاشقان داۋانچىڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا 130 مىڭ ئادەم سىغىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. رويتېرسنىڭ ئاخبارات دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى، دەپ قارالغان 7 ئورۇنغا ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئەۋەتكەن. مۇخبىرلار بۇ ئورۇنلارغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئورۇنلارنى قوغلاۋاتقان ساقچىلار بۇنىڭغا يول قويمىغان.
رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ئانالىز ئېلىپ بارغان 39 ئورۇندىكى 39 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرى كورلا شەھىرىدە ئىكەن. ئاخبارات دوكلاتىدا، كورلىدىكى مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدە 2 ھەسسە كېڭەيگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا تارتىلغان سۈئىي ھەمراھ رەسىمىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ 140 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاخبارات دوكلاتىدا يەنە مەزكۇر رايوننىڭ بۇ ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغانلىقى، بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ چېن چۈئەنگو باشچىلىقىدىكى بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.