گۇمىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن چېن چۈەنگو قەشقەردە تەكشۈرۈشتە بولغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.24

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ بىر ئاي ئۆتمەيلا گۇمىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشى ۋە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئۆلۈشى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن.

شىنخۋا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇمىدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككىنچى ھەپتىسى چېن چۈەنگو قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. ئۇ 20 - سېنتەبىر كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە مەسئۇللىرىنى يىغىپ جىددىي يىغىن ئاچقان. يىغىندا رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر ساھەدىكى مەسئۇل كىشىلەر بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچ كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

چېن چۈەنگو قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى قوغان يېزىسى بىلەن ئاپاق خوجا مازىرىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ۋە دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ساھەسىدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چېن چۈەنگو قەشقەر زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەرزكىرىگە كېلىپ ساقچى تەرەپنىڭ مۇقىملىق بويىچە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئاڭلىغان. ئۇ كادىر - ساقچىلارغا سۆز قىلىپ، ھەرقانداق بەدەل كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر 1 مىليۇن 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىننى خىتاينىڭ خەرىتىسىدە ئەبەدىي تۇتۇپ تۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ قەشقەر سەپىرىنى گۇما ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبتىكى سەزگۈر رايونلارغا بېرىپ ساقچىلارغا يەل بېرىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.